1. ئۈچەي يولىدا پارازېت قۇرتلار بولسا
پارازېت قۇرتلار (سازاڭ قۇرت، مەددە قۇرت) بالىلارنىڭ ئۈچەي يولىدا پەيدا بولسا، ئوزۇقلۇقلارنى سۈمۈرىۋېلىپلا قالماي، يەنە ئۈچەي دىۋارىنى غىدىقلاپ، زەھەر ئاجرىتىپ، بالىلارنىڭ قورسىقى بىلىنەر-بىلىنمەس ئاغرىپ بىئارام بولىدۇ، مەقئىتى (سوڭى) قىچىشىدۇ، ئۇخلىيالمايدۇ، ئۇخلىغاندا چىشىنى غۇچۇرلىتىدۇ.
بىرتەرەپ قىلىش چارىسى: قۇرتنى چۈشۈرۈش، بالىلارنىڭ تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش.

